Yurmayli Boldi

Lyrics: Amatjan -Hasan Music: ali nawa Arranger: ali nawa يۈرمەيلى بولدى ساختاڭ تولا ئىكەن قىلغان سۆزۈڭدىن   خاتالىقنى كۆرمەي ئۆزۈڭدىن  يۈرەك ئاغرىدى يۈتەي كۆزۈڭدىن   ئەمدى بولدى يار يۈرمەيلى بولدى   يېتەر ماڭا بەس بەرگەن ئازارىڭ   خوشلىشىش بولدى سېنىڭ قارارىڭ ؟  يۈرۈشكە بولماي قالسا ئامالىڭ   غەزىپىم توشتى يۈرمەيلى بولدى  بەخت خىيالى سۈرمەيلى بولدى   ئۆتمۈشلەرنى ھەم كۆرمەيلى بولدى  مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربانە بولسام   كۆرمىدى كۆزۈڭ يۈرمەيلى بولدى   خىيالىمغا يار كىرمىسەڭ ياخشى   بەخت پەيزى يار سۈرمىسەڭ ياخشى   بىر كۈنى يىغلاپ قىلغىنىڭ ئۈچۈن   كېلىپمۇ يۈرمە يۈرمەيلى بولدى