Ayalim Bar

Lyrics: Rahmat Kasim Music: Rahmat Kasim Arranger: Abduwali Parhat ھەۋەس قىلىپ ، ساھىبجامال سېنىڭ نېمە خىيالىڭ بار ؟ ماڭا كۆڭۈل بېرەي دېمە . ساڭا ئېيتاي ئايالىم بار . كۆزۈم چۈشمەس گۈزەللەرگە مەن تاللىغان نىگارىم بار چانار ھەتتا ئايپەرىمۇ شۇنچە گۈزەل ئايالىم بار . ئۈجمە كۆڭۈل دەپ ئويلىما مېنىڭ ئەرلىك غورۇرۇم بار ئېسىل ئەخلاق بىلەن ئۆسكەن قىزىل گۈلدەك ئايالىم بار