ئۇلار بىلەن ئۆتكەن ھەربىر كەچمىشلىرىم .
شۇڭا ھەرچاغ ئۈزۈلمەيدۇ ئالقىشلىرىم .
بىللە ئويناپ تاكى گۈزەل بالىلىقتىن
تەڭ تۇغۇلۇپ، تەڭ قېرىغان تەڭتۇشلىرىم .
ئارىمىزدا ھىكايە كۆپ سۆزلىسەك ،
چىداشمايمىز كۈندە بىر رەت كۆرمىسەك،
مىھرىمىزدىن باغ ياسايمىز ئۆلمىسەك
بۇلبۇل كەبى تەڭ ئۈنلىگەن تەڭتۇشلىرىم .
مۈكچەيگىچە ئاقتى نەچچە ئېقىنلار ،
قەلبىمىزدە قالدى كەتكەن يېقىنلار ،
ئېسىللارنىڭ يارى مەڭگۈ ئېسىللار
زەپەرلەردە تەڭ ئۆرلىگەن تەڭتۇشلىرىم .
ئۆتۈپ كەتكەن يىللار قايتىپ كەلسىكەن ،
شۇ ياشلىقنى بىزگە قايتا بەرسىكەن ،
دوستلۇق بىزگە سوۋغات ئىكەن ، گۈل ئىكەن
قەدىرلىكنى تەڭ كۈيلىگەن تەڭتۇشلىرىم