Toyum Bugun ×08

Lyrics: HeiJun Music: HeiJun Arranger: HeiJun بۈگۈن مىنىڭ خۇشاللىق كۈنۈم, ئەمدى يۇرۇق كىچە ۋە تۈنۈم, مۇرادىمغا يەتتىم مەن بۈگۈن, بۇلبۇل كەبى سايرايدۇ كۈنۈم, ۋىسال پەيتى سۆيگۈنۈم بۈگۈن, مەڭگۈ يۈلەك بۇلايلى بىرگە, ۋەدە بىرەي ھەممە ئالدىدا, جىنىم پىدا مەڭگۈلۈك سىزگە, تۇيۇم بۈگۈن تۇيۇم بۈگۈن, ئەمدى يۇرۇق كىچە ۋە تۈنۈم, تۇيۇم بۈگۈن تۇيۇم بۈگۈن, بۇلبۇل كەبى سايرايدۇ ئۈنۈم, ئاتا ئانام ئۇرۇق تۇققانلا دوس بۇرادەر ئاكا ئۇكىلا, بەخىت تىلەپ كەلگەن يىراقتىن, سۆيگۈمىزگە گۇۋاھ بۇلۇڭلا, تۇيۇم بۈگۈن خۇشاللىق بۈگۈن, ئاتا ئانام رازى بۇلۇڭلا, بىزدەك ۋىسال ئىزدەپ يۈرگەنلە, مەڭگۈلۈككە بەخىت تېپىڭلا, تۇيۇم بۈگۈن تۇيۇم بۈگۈن, ئەمدى يۇرۇق كىچە ۋە تۈنۈم, تۇيۇم بۈگۈن تۇيۇم بۈگۈن, بۇلبۇل كەبى سايرايدۇ ئۈنۈم, بۈگۈن مىنىڭ خۇشاللىق كۈنۈم, ئەمدى يۇرۇق كىچە ۋە تۈنۈم, مۇرادىمغا يەتتىم مەن بۈگۈن, بۇلبۇل كەبى سايرايدۇ كۈنۈم。