Lyrics: ebo331
Music: ebo331
Arranger: ebo331
ئېسىلگەندە يۈرىكىڭ لەختەبوپ جانان
مېنى ئەسلەپ زار زارلىنىپ . يىغلىما شۇ ئان
سەنمۇ مېنى تاشلاپ كەتكەنتىڭ بىر چاغ .
سېنى سۆيۈشكە ، ئەمدى يوق ، مەندە ئامال .
ئايرىلىش ئازابى يامان ئىكەن شۇنچە .
جۇدالىق بەردى ، مېنى قىلدىغۇ بىمار .
شوخ ئەركە يىگىت ئىدىم مەن بىر چاغ .
ۋاپاسىز مۇھەببەت قىلدىغۇ بىر ھال .
ئەمدى سەن سۆيگىنى قىلساڭمۇ ئىزھار .
لېكىن ھەي ۋاپاسىز ، مەن سەندىن بىزار .
ھەي ، كۆڭلۈم ئۇنىڭغا ، سۆيگۈ بەرگۈچە .
پاك ، سەبىي قەلبىمدە ، ئارمان بولۇپ قال .