Lyrics: Rozi-Bag
Music: Rozi-Bag
Arranger: Rozi-Bag
كەچتىم سىنىڭدىن
ئادىل ئەخەت
كۈلمە ئالدىراپ مىنىڭ دەردىمگە
سىنىڭمۇ مەندەك كۈنۈڭ كىلىدۇ
ئىشەنگەنلىرىڭ تاشلاپ يىراققا
كەتكەندە شۇنداق باغرىڭ تىلىدۇ
ئۆتتتىمۇ قەدرىم ئەسلىگەن چاغدا
لىكىن پۇشايمەن قېينايدۇ سىنى
سەنمۇ مىنىڭدەك كۆرگەندە ئەلەم
ئەسلىمە ھەرگىز سېغىنما مىنى
ئەسلەيسەن بىر كۈن ئۆتكەن كۈنلەرنى
مىنىڭدەك بىرنى ئۇچرىتالمايسەن
تاشلىسا ياتلار قالغاندا يالغۇز
كۆز ياشلىرىڭنى توختىتالمايسەن
كەلمە يېنىمغا تۆكۈپ دەردىڭنى
ئورۇن يوق ساڭا كەچتىم سىنىڭدىن
ئەلەم كۆردۈڭمۇ كۆيگەنلىرىڭدىن
كۈتمە مۇھەببەت ئەمدى مىنىڭدىن