Music: Mamatjan Rahman
Arranger: Muradel Abdusalam
ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ
چايدىنىڭدا چاي بارمۇ
ئىزدىمىسەم خەۋەر يوق
كۆڭۈل دېگەن ساراڭمۇ
كۆرۈنمەيدۇ دىدارىڭ
ھالىم يوق ھەم مادارىم
دېيىشسەكمۇ ۋەدىلەر
كەلمەمدۇ يار ئارمانىم
سازلىرىمنى چالىمەن
سەن كەلگۈچە ناز قىلىپ
ئىشقىڭ بولسا كۆرۈۋال
ئەركە گەپنى ئاز قىلىپ
گۈزەللىكىڭ تۇلۇنئاي
ئەتراپىمدا ئايلانماي
ئارمانلاردا قالمىغىن
كىتەر بولسام يېلىنماي
ئىشىقىڭ بولسا كۆيدۈرۋال
سۆيگۈڭ بولسا سۆيىۋال
بىر كېتەرمەن كەلمەسكە
كۆرگىڭ كېلەر تۇرالماي