Baggi

Lyrics: Ablat Awut Music: Ablat Awut Arranger: Ablat Awut بەڭگى مەدەت تىلەر چىلىمدىن دىۋانە بەڭگى كىمنىڭ ئوتى يېقىلسا پەرۋانە بەڭگى پۇلغا ئالار زەھەرنى خۇمارى تۇتسا پۇل تۈگىسە ئىت بولۇر بىچارە بەڭگى ئەسكى تامنىڭ تۈۋىدە غاڭزىنى ئەپلەپ ھوشىنى بىلمەي مەست بولۇر سەرسانە بەڭگى بىر دورامدا ئون قاپاق تۈتۈننى شوراپ ئىچەر چىلىم سۈيىنى مەستانە بەڭگى
كۆرۈنمەيدۇ ھېچ نەرسە خۇنۈك كۆزۈڭگە كەيپىڭ راسا ئۇچقاندا ئىت مىجەز بەڭگە ئۆھھۆ ئۆھھۆ ئۆھھۆ دەپ ئۆزىنى قىيناپ كۈندە نەچچە يۆتىلەر بىچارە بەڭگى
ئىس تۈتۈننىڭ ئىچىدە بىگانە بەڭگى ئۆتمە ئۇنداق دۇنيادىن يىگانە بەڭگى مېھرىڭنى ئۆز قاپاقتىن چىلىمىڭنى چاق خۇيلىرىڭ تۈز ئادەم بول سەرسانە بەڭگى