Dadamgha Xet

Lyrics: RiTSAR Music: RiTSAR Arranger: RiTSAR/KSC « دادامغا خەت » Hook : خاتىرەمنى ئاچتىم يەنە ئۆرۈپ يېڭى بەتلەرنى ، قەلەم ئالدىم ئوڭ قولۇمغا دادامغا يازدىم خەتلەرنى . تۆكۈۋەتتىم تېكىست ئىچىگە ئىچىمدىكى گەپلەرنى ، قويۇۋەتتىم ئاسمىنىمغا « ئۆتمۈش » ناملىق كەپتەرنى… كىچىكىمدە مەھەللىدە بالىلار بوزەك ئەتكەندە ، چوڭ بولغاندا قىز دوستۇممۇ مىنى تاشلاپ كەتكەندە . كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى كەمسىتىشكە ئۇچرىغاندا ، يۈرۈكۈم ياشقا تولاتتى دادا سەن يادىمغا يەتكەندە ! VERSE 1 : بىلمەيدىغىنىم بەك كۆپ ئىدى سەن ماڭا بىلدۈرەتتىڭ ، ئەجىر قىلىپ ئېتىزلاردىن ئۇرۇقلارنى ئۈندۈرەتتىڭ . نەگە بارساڭ ئەگىشەتتىم ئۇنىماي قالساڭ تەگىشەتتىم ، جاھىل بولساڭمۇ ئاخىرىدا ۋېلسىپىتقا مىندۈرەتتىڭ . ئەقلىمنى بىلسەم سەمىرىپ باقمىدىڭ ئورۇق بەدىنىڭ ئىسكىلىت ، ئۆيىمىزدىكى تۇنجى ماتورلۇق قاتناش ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت . ئۇنى ھەيدەپ تاڭ يورۇماستا باراتتىڭ سەن قۇشخانىغا ، چۈش بولغىچە كىرا قىلىپ قاسساپلارغا گۆشخانىغا . 10,20 قوينىڭ گۆشىنى كۆتۈرۈپ ھارۋىغا باسقۇچە ، ئۇنى ئاپىرىپ گۆش دۇكىنىغا كانارغا ئاسقۇچە . نەچچە يۈز قېتىم ئۇچلۇق تۆمۈر سانجىلغانتى قولۇڭغا ، تامچە-تامچە تەرلەر ئاققان قەدەم باسقان يولۇڭغا . چۈشتىن كىيىن بارار جايىڭ باشقا ئەمەس ئېتىزلىق ، چۈنكى بىز شەھەرلىك ئەمەس تىگىمىزدىن يىزىلىق . ئېلىۋالىسەن بىرتال توقاچ بىلەن ئىسسىق چاينى ، ئىشتاننىڭ ئاستىنى تۈرۈپ پېتىقلايسەن لاينى . يانچۇقتا پۇل بولسىمۇ ئاشخانىدىن تاماق يىمەيتىڭ ، كىيمىڭ يىرتىلىپ كەتسىمۇ يېڭى كىيىم كىيمەيتىڭ . خۇشال بولساڭ دەيتىڭ ئەمما ئازابىڭنى دىمەيتىڭ ، سەۋەبىنى چوڭ بوپ بىلدىم كىچىكىمدە بىلمەيتىم . بەدىنى قاتقان ، جاپانى تاتقان ، ئىرادىسى گويا پولات-تۆمۈر ، ئائىلە ئەگەر مەش بولسا دادام ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوتۇن كۆمۈر . تۇرمۇش بولسا يەتتە باشلىق يالماۋۇز مېنىڭ دادام چىنتۆمۈر ، شۇ جاپاكەش دادىلارغا تىلەيمەن مەڭگۈ ئۇزۇن ئۆمۈر . Hook 2 : خاتىرەمنى ئاچتىم يەنە ئۆرۈپ يېڭى بەتلەرنى ، قەلەم ئالدىم ئوڭ قولۇمغا دادامغا يازدىم خەتلەرنى . تۆكۈۋەتتىم تېكىست ئىچىگە ئىچىمدىكى گەپلەرنى ، قويۇۋەتتىم ئاسمىنىمغا « ئۆتمۈش » ناملىق كەپتەرنى… كىچىكىمدە مەھەللىدە بالىلار بوزەك ئەتكەندە ، چوڭ بولغاندا قىز دوستۇممۇ مىنى تاشلاپ كەتكەندە . كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى كەمسىتىشكە ئۇچرىغاندا ، يۈرۈكۈم ياشقا تولاتتى دادا سەن يادىمغا يەتكەندە ! VERSE 2 : قەھرىتان قىشتا ، پىژغىرىم يازدا جاپادىن قوقماي تىرىشتىڭ ، تەقدىر-قىسمەت ئاچچىق بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن قېرىشتىڭ . گۆشنىڭ ھىدى كېپ تۇراتتى يانچۇقۇڭدىكى پۇللاردىن ، زەخمە ئىزلىرى كۆرۈنەتتى ئاشۇ بىرجۈپ قوللاردىن . ئۇنتۇمايمەن ئەسكىلەرنىڭ ساڭا قوپال مۇئامىلىسىنى ، ئۇنتۇمايمەن ياخشىلارنى بىلمىسەممۇ فامىلىسىنى . پاراڭلىشاتتۇق سەن بىلەن بارماق تىلدا ئىشارەت ، بەلكىم بۇمۇ بىز بىلمىگەن ياخشىلىقتىن بىشارەت . جىنىم دادا مېنىڭ بەكلا ئاڭلىغۇم بار ئاۋازىڭنى ، نىسىپ بولسا ھامان بىركۈنى ئاڭلاتقۇم بار ئاۋازىمنى . تىل بىلەن دىيەلمىسەڭمۇ دادا بىزگە كۆيەتتىڭ ، « دېھقان ئاتام »سەن مېنىڭكى تەبىئەتنى سۆيەتتىڭ . تېرەتتىڭ سەن خامان سورۇپ ئۇچۇپ كەتكەن بىرتال داننى ، تېرەتتىڭ سەن بىز چېچىۋەتكەن بىرنەچچە تال ئۇۋاق ناننى . ئائىلە ئۈچۈن تەر ئاققۇزدۇڭ ھەم كۆيدۈرۈپ جاننى ، سۈپەتلەشكە ئاجىز كىلىمەن سەندەك ئۇلۇغ قەھرىماننى . بىلىمەن دادا رەپلىرىمنى ھەرگىزمۇ ئاڭلىمايسەن ، كىچىكىمدىن كۆيۈنىسەن-يۇ ئەمما قەتئىي داڭلىمايسەن . چۈنكى ئاڭلىيالمايسەن ، چۈنكى سۆزلىيەلمەيسەن ، ئىككى ئەزايىڭ مىيىپ بولسىمۇ قەلبىڭ ساق كىشىلەردىن ئۈستۈن ! يىللار ئۆتۈپ ئاق سانجىلدى سېنىڭ قاپقارا چاچلىرىڭغا ، سەپسالدىم ئاق كىرىپتۇ ساقال-بۇرۇت قاشلىرىڭغا . تۇرمۇش سېنى ھالسىراتتى كەتتىڭ بەل پۇت تىزلىرىڭدىن ، ساڭا يىتەلمىسەممۇ بېسىپ ماڭىمەن ئىزلىرىڭدىن .....