ozumni?

Lyrics: 1A2K Music: 无 ئۆزۈمنى ئالدايمۇ ؟ ئۆزۈمنى ئۇنتايمۇ؟ كۆزۈمنى ياشلايمۇ ؟ ئۆتمۈشنى تاشلايمۇ ؟ مەنلا ئەمەس ، سەنمۇ قىينالدىڭ بۇ ھاياتتا . بىز بىنورمال ، شۇڭا ھەيدەلدۇق بىر تاياقتا . تەمتىرىمە، ھاڭۋاقما مەنزىلىڭ قاياقتا ؟ يوقاتما ئۈمىدىڭنى باغرىڭدا چىڭ قۇچاقلا .
قورقايسە يەنە قانداق پېشكەللىكلەر كىلەر دەپ ، توۋلايسەن ، ئۇن چىقمايدۇ زورلىسىمۇ دېيە دەپ . بەزلەيسەن ئۆزۈڭنى ، خەيرلىك ئىشلار كىلە دەپ . يوشۇرسا ئازابىڭنى يەنە كۆپىنچىلەردەك .
ئون بەش ئايدىڭ ، ئون بەش قارا يورۇقلۇقنى كۈتسە . ئالدىرىما كۈنلەر ئۇزۇن ، بۇ تۇرمۇشقا كۆنىسەن . ئېتىلدىغۇشارمۇ ھەتتا بىراۋ كۈچەپ پۈلسە ، ئازابنىڭ ئازگاللىرىدىن بوستانلىققا كۆچسە ،
ئۆتتى ، زۇلمەت چاغلار ئازابقا تولغان ۋاقىتلىرىڭ . كۈنلىرىڭ رەڭدار ، ئەمدى باشقىغا ماختىغىن . ئىسسىق سوغۇق ھەممىنى كۆرۈپ ئۆتتى سېنىڭ ياشلىقىڭ . ئىلگىرىكىدىن قەيسەر بول . ھەرگىز ئارقاڭغا قاچمىغىن .
غەيرەتلىك بول ، سۇلغۇن تەرىپىڭنى خەققە كۆرسەتمە، كۈلۈپ ياشا ، لېكىن بولما خەققە دەپسەندە ئۆزۈڭگە ئىشەن ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ چۈشەن . شۇ ۋاقىتتا تۇرمۇش دەيدۇ ، ئاخىر يولنى تېپىپسەندە.
ئۆزۈمنى ئالدايمۇ ؟ ئۆزۈمنى ئۇنتايمۇ؟ كۆزۈمنى ياشلايمۇ ؟ ئۆتمۈشنى تاشلايمۇ ؟