ھاۋانىيۇ ھاۋانى قىزلا كەيسۇن تاۋانى
ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەدە ئىزدەي داۋانى
سېنىڭ مەنناسېنىڭ مەن سېنىڭ بولماي كىمنىڭ مەن
ئەزىز دانە قەشقەردىن تاللىۋالغان گۈلۈم سەن .
ئو…گۇلايىم يۈرىكىم كۆيىدۇ دائىم
قانداق قىلىمىز يارىم نەگە بارىمىز يارىم
ئاتۇشنىڭ يولى يامان توشىدۇ ، ئوتۇن سامان .
نادان بالىلار بىلمەيدۇ ھەممىدىن كۆيۈك يامان .
ئاتلىرىڭىز ئامانمۇ . بېدە يەمدۇ سامانمۇ .
خەق ئوينىسا ھېچ گەپ يوق بىز ئوينىساق يامانمۇ .
لەۋلىمە جانىم لەۋلىرىڭىز لەۋ ئاستىدا مەڭلىرىڭىز
يۈرىكىمنى كۆيدۈرۈپ ئەجەب تۈگىمەيدۇ گەپلىرىڭىز
ئاقاردۇ يا ئاقاردۇ دەريا قايگە ئاقاردۇ
يۈرەكتىن سۆيگەن يالار ئەمدى كىمگە باقار
ئاشىق بولدۇم يارىمغا كۆزلىرى خۇمارىمغا
نېمە قىلسام ئەرزىيدۇ كۆڭلۈم چۈشكەن يارىمغا
قوناقلىقتىن ئوت ئالساڭ بىللە ئالايلى ئوتنى
كۆرۈشكەندە تەڭ كۆرگەن بىللە تارتايلى بۇ دەرىتنى
بىرگە بولارمىزدەپتىم بىرگە ياشارمىز دەپتىم
تائەبەتكە ئايرىلماي بىرگە ئۆتەرمەن دەپتىم