Lyrics: Mahmudjan Xoja Umidwar
Music: Tohti Sabir
سىز بار ئاشىق يۈرەكتە
سۆزى : مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
موزىكىسى : توختى سابىر
يۇلتۇزۇم سىز نۇرانە
چاقناپ تۇرغان پەلەكتە
گەرچە ئۆزۈم سەرسانە
سىز بار ئاشىق يۈرەكتە
يېنىپ – يېنىپ بولدۇم كۈل
مەن باھاردا سۇلغان گۈل
ئۆرتەنسىمۇ بۇ كۆڭۈل
سىز بار ئاشىق يۈرەكتە
پىراقلاردا دىلىم قان
سىزنى دەپلا كۆيدى جان
كېلىڭ بولۇپ مېھرىبان
سىز بار ئاشىق يۈرەكتە
ئاڭلاڭ سۆيگۈ كۈيۈمنى
پەرۋىش قىلىڭ گۈلۈمنى
ئاۋات قىلىڭ ئۆيۈمنى