Lyrics: Yasin muhpul Music: yasin muhpul سىرلىق تۇمان چىقتىم ئۆيدىن تۈن نىسپىدە ئانام تۇيماستا ، سىرلىق تۇمان قاينىمىغا شۇڭغۇدۇم ئاستا . چىقتىم ئۆيدىن تۈن نىسپىدە ئانام تۇيماستا ، سىرلىق تۇمان قاينىمىغا شۇڭغۇدۇم ئاستا . تۈتۈنلەرگە بولدۇم ئەسىر ئېرىدى تېنىم ، گويا جەننەت ھۇزۇرىدا يايرىدى جېنىم . ئاتا-ئانام بىساتىنى تۈتۈنگە ساتتىم ، مەئىشەتلىك تۈن قوينىغا ئۆزەمنى ئاتتىم . چىرماپ ئالدى ھۇجۇدۇمنى سىرلىق تۇمانلار ، دىلدا قالدى شىرىن چۈشتەك ئارزۇ-ئارمانلار .
ئاھ ئويغانسام يېتىپتىمەن زۇلمەت ئىچىدە ، گويا لەھەت باغاشلاپمەن مۇدھىش كىچىدە . ئاھ ئويغانسام يېتىپتىمەن زۇلمەت ئىچىدە ، گويا لەھەت باغاشلاپمەن مۇدھىش كىچىدە . قۇچاق ئېچىپ كەلدى ئەنە ماڭا شۇم ئەجەل ، تۈگەر مىكىن گۈل ياشلىغىم ئەمدى بىر مەھەل . قان يىغلارمۇ ئانام كۈندە دادام ھەسرەتتە ، ئۈتەرمىكىن باغرى پارە بىر ئۈمۈر دەرتتە . قېنىۋالاي دىدارىغا جان ئانام قېنى ، كىم قۇتقۇزار شۇم ئەجەلنىڭ قوينىدىن مېنى ؟ قېنىۋالاي دىدارىغا جان ئانام قېنى ، كىم قۇتقۇزار شۇم ئەجەلنىڭ قوينىدىن مېنى ؟