Arilduk

Lyrics: Bilal Music: Bilal Arranger: Bilal تۇنۇشقانتۇق باھار پەسلى گۈل ئېچلىغان باغدا ۋەدىلەشكەن قول تۇتۇشۇپ ماڭغان گۇزەل چاغدا بىلەلمىدىم بۇ مۇھەببەت قانداق بولدى ئايرىلدۇق تاشلاپ كىتىپ ئاقىۋەتتە قۇيدۇڭ مىنى داغدا قوغلىشاتتۇق كىپىنەكلەر كىرىپ قالسا باغلارغا ئۈزۋالاتتۇق گۈللەرنى قىسىپ يۈرۈپ قۇلاقلارغا نىمە سەۋەپ بۇ ئايرلىدۇق سايرىمدى بولبۇلمۇ مۇھەببەتنىڭ باغلىرى ئوخشاپ كەتتى تاغلارغا ئۆتكەن كۈنلەر شىرىن ئىدى كۈنلرىمىز تاتلىق دەز كەتتىمۇ يۈرەككە ئەمدى تۈگەپ كەتتى شاتلىق ھەيران قالدىم چىن ئەقدە قىپقالدى خارلىنپ مۇھەببەتمۇ ئۇيۇن بولدى ساڭا مۇھم بايلىق كىچىپ مەندىن، تاپتىڭ ياتنى قويدۇڭ مىنى ئەلەمگە ئىشەنمەيمەن ھەرگىزمۇ سۆيگۈ بەرگەن قەسەمگە قالدىم يالغۇز ئاھ،،،ئۇرۇپ يۈرەك قالدى يىگانە ئەمدى كىملەر قۇلاق سالار مىنىڭ تارتقان دەردىمگە مەن چۈشەندىم مۇھەببەتنى پۇل بولسىلا گۈزەلكەن بولسا سەندە پۇل، مال، ماشنا، ئۇ يېنىڭدا تۇراكەن ئاققان چاغدا گەپلىرىڭ بۇلاركەنسەن بەك نوچى ئىزدىمسەڭ كەينىڭدىن ھەممىسى تەل بۇلاركەن قۇرۇپ كەتسۇن ئەبەدى ساختا سۆيگەن مۇھەببەت مەن ئۆلگەندەك سۆيسەممۇ بەرمەيدىكەن ساداقەت ئايرىلدىم زار يېغلاپ يۈرەك- باغرىم قان -زەرداپ قىلىپ قويدۇڭ ئاقىۋەت بۇ سۆيگۈگە خىيانەت كىچىپ مەندىن يىراقلاپ خوشال كۈلۈپ يۈردۈڭمۇ باغلىنىپ مال -دۇنياغا ياتنى تاللاپ سۆيدۈڭمۇ ئىنسان دىگەن ھەممشە ئامەت بىلەن يۈرمەيدىكەن تىرشىپ مەن بىر كۈنى پۇل تاپىمەن بىلدىڭمۇ ئازار بەرمە يۈرەككە،كۆيگىن مەيلى بۆلەككە ئازاپ تۈگەپ بىر كۈنى كۈنۈپ قالمەن كۈيەككە ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن، ياشاپ كىتمەن سەنسىزمۇ مەيلى كەتسەڭ تىزراق كەتكىن يىتەر بولساڭ تىلەككە