Yaxisun

Arranger: Yimit-Kanji يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن  ئۆزى ئالماي گۆھەر ياغسا ئاسماندىن  ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن  ئۆزى ئالماي گۆھەر ياغسا ئاسماندىن  ئەلگە يامغۇر تىلگەنلەر ياشسۇن سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنىڭ ئاتا قەرزى تۆلىگەنلەر تاشىسۇن  ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ  ئۆزى ئات بوپ سۆرىگەنلەر ياشىسۇن  ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ  ئۆزى ئات بوپ سۆرگەنلەر ياشسۇن ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرت تارتىپ  ئۆزى راھەت كۆرمىگەنلەر ياشىسۇن  يوقسۇزلىقتا ئوتى ئۆچكەن يالغۇزنىڭ  ئوت چوغىنى پۈۋلىگەنلەر ياشىسۇن  ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر ئۈمۈدلىرى ئولمىگەنلەر ياشىسۇن