Lyrics: haliq
Music: haliq
بىزنىڭ ئۆينى سورىسىلا يەي،
ئىشەدىراق مىشەدىراق غەي.
مەن يارىمنى كۆرىۋالدىم،
تۈنۈگۈن مىشەدىراق غەي .
ئەي شۇ ئاشۇ شۇ،
ئۇسساپ قاسىلا ئىزدەپ كەسىلە بىزنىڭ ئۆيدە سۇ.
باغ ياساپ ئانار سالدىم ،
كۆرۈپ قويسىلا يارىم.
مەن سىلىگە كۆيەپ قالدىم،
قاراپ قويسىلا يارىم.
ئەي شۇ ،ئاشۇ شۇ
ئۇسساپ قاسىلا
ئىزدەپ كەسىلە بىزنىڭ ئۆيدە سۇ .
دەريانىڭ ئۇ يانىدا،
كۆرۈنگەن دەرەخ بىزنىڭ .
سىزنىڭ كۆيمىگەن بىلەن،
كۆيىدۇ يۈرەك بىزنىڭ
ئەي شۇ ،ئاشۇ شۇ،
ئۇسساپ قاسىلا ئىزدەپ كەسىلە،
بىزنىڭ ئۆيدە سۇ