Arranger: Nurshat Dilshat
ئاتام بار ئېتىم باغلاق،
ئانام بار چېيىم قايناق.
ئاتام بار كۆكتىكى قوياش
ئانام باغرى كەڭ يايلاق.
ئاتام بار يولۇم تۈپ ــ تۈز،
ئانام بار كېچىمۇ كۈندۈز.
ئاتام بار ھايات تەملىك،
ئانامنىڭ قولى نان ـ تۇز.
ئاتام ئۆيدىكى تۈۋرۈك،
ئانام ئىزلىرى گۈللۈك.
ياشاڭلار مەڭگۈ ياپ ياش،
سىلەر ماڭا تەۋەرۈك.